لىۋىيە فەتھۇللاھچىلارنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

لىۋىيە مەملىكەتلىك كېلىشىش ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.

531728
لىۋىيە فەتھۇللاھچىلارنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە مەملىكەتلىك كېلىشىش ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇسسالام كەجمان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تۈرك خەلقىنىڭ تىنچلىق تەرەپدارى دېموكراتىيە يولىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، تۈرك خەلقىنىڭ ۋەقەلەرگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، يوللۇق تۈزۈمنى قوغداپ قالغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئابدۇسسالام كەجمان، خەلقلەرنىڭ ئىستىكىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇلارنى قورال كۈچى ۋە زوراۋانلىق يولى بىلەن باشقۇرىدىغان دەۋرلەرنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى، زامانىمىزدا بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر