ئامېرىكا 2015- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئېلان قىلدى

بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە 2015 – يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئېلان قىلدى.

507196
ئامېرىكا 2015- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان 2015 – يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى جەمئىي يەتتە باپ بولۇپ، ھەر بىر باپ بىر قانچە بۆلۈملەرگە بۆلۈنگەن. دوكلاتنىڭ بېشىدا قىسقىچە خۇلاسە بېرىلگەن.

خۇلاسىدە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكى ۋە بارلىق ھوقۇقنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يەتتە كىشىلىك دائىمىي كومىتېتقا مەركەزلەشكەنلىكى كۆرسىتىلدى. خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتتە پىكىر قىلىش، دىنىي ئەركىنلىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە داۋاملىق قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

6 - باپنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بۆلۈمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلدى.  

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن دوكلاتنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى كۆرەلەيسىز.

http://beijing.usembassy-china.org.cn/mobile//human_rights2/human-rights-report-2015-uyghur-translation.html



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر