«بېشىمىزغا 5 يىل بۇرۇن كەلگەن ۋەقە پارىژنىڭ بېشىغا ئەمدى كەپتۇ»

بەششار ئەسەد پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى توغرۇلۇق توختالغاندا، «فىرانسىيە بىز 5 يىلدىن بۇيان باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋەقەنى ئەمدى باشتىن كەچۈرى» دېدى.

417082
«بېشىمىزغا 5 يىل بۇرۇن كەلگەن ۋەقە پارىژنىڭ بېشىغا ئەمدى كەپتۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد سابىق قاتناش مىنىستىرى جىررى مارىئانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان فىرانسىيەدىن كەلگەن 4 كىشىلىك بىر ھەيئەتنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىدىكى گەپلەرنى قىلدى.
بەششار ئەسەد پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە فىرانسىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاند تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى جاۋابكارى بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش پارىژدىكى ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
دائېش بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «سۈرىيەدىكى ھۇجۇملار داۋاملاشقان تەقدىردە، فىرانسىيە ھەرگىزمۇ خاتىرجەم بولالمايدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر