ب د ت، ناتوۋە ئامېرىكا PKK نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى – ناتو ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

376802
ب د ت، ناتوۋە ئامېرىكا PKK نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن تۈركىيەدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلەپ، ھۆكۈمەتكە ۋە تۈرك خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى. ب د ت باياناتچىلىقى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، بان كىمۇن تۈركىيەدە كۈچىيىپ كەتكەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئۇلغايتىلماسلىقى توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە ھۇجۇملارنىڭ رايونغا كۆرسەتكۈسى تەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەھۋاللارنى يېقىندىن كۈزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خائىنلارچە ھۇجۇمىغا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى – ناتومۇ نارازىلىق بىلدۈردى. ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ھاككارىنىڭ داغلىجا رايونى ۋە ئىغدىردىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەر ۋە ساقچىلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

«تېررورىزمنىڭ ھېھقانداق باھانىسى يوق» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن ستولتېنبېرگ، ناتونىڭ ئىتتىپاقدېشى تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈردى؛ ئاق ساراي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى.

ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىست، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقدېشى تۈركىيە بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى ئەسلەتكەن ھالدا، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى قارىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. تۈركىيە بىلەن PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش مۇساپىسىگە قايتىشنىڭ مۇھىملىقىنى قەيت قىلغان ئېرنىست، تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشكە قىلغان ياردەملىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كېربيمۇ، «تۈركىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۆزلىرىنى قوغداش ھەققى بارلىقىنى چۈشىنىمىز ۋە ئۇلارنىڭ بۇنى مۇۋازىنەتلىك شەكىلدە ئېلىپ بېرىشىنى خالايمىز» دېدى.

ھۇجۇملاردا شېھىت بولۇپ كەتكەن ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتېر كۇك بولسا، «كۆپ ساندا تۈرك خەۋپسىزلىك كۈچى مەنسۇپلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان PKK نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز» دېدى. ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK غا قارشى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قارىشىنى تەكرارلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر