ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پلاستىك ئوق چىقىرىپ ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان نابلۇس شەھىرىدىكى تەل يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمى جەريانىدا 6 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

341342
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پلاستىك ئوق چىقىرىپ ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئاتقان گازنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كۆپ ساندىكى پەلەستىنلىكلەرگە نەق مەيداندا تىببىي مۇداخىلە قىلىندى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرنى تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ تۇتقۇن قىلماقتا. باستۇرۇپ كىرىش جەريانىدا پەلەستىنلىك ياشلار بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا دائىم دېگۈدەك ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغان سۈركىلىشلەر يۈز بەرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر