ئامېرىكا تۈركىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان «دائېش» كېلىشىمىدىن مەمنۇن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان «دائېشقا قارشى كۈرەش» كە ئالاقىدار كېلىشىم توغرىسىدا بايانات بەردى.

370174
ئامېرىكا تۈركىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان «دائېش» كېلىشىمىدىن مەمنۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە تولۇق ئىشتىراك قىلىشىنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست، ۋاشىنگتون بىلەن ئەنقەرە ئارىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ھالدا، تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىشتىراك قىلىشى توغرىسىدا ۋەدىلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سۈرىيە بىلەن ئۇزۇن چېگراسىنىڭ بارلىقى ۋە ئۇ دۆلەتتىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ تۈركىيەدە پەيدا قىلغان خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان ئېرنېست، ئەنقەرەنىڭ قايغۇلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ، خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە پائال سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كېلىشىمنىڭ دائېشقا سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئېرنېست، تۈركىيەنىڭ ئىچىدىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگىمۇ ئىجابىي تەسىرى بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر