ب د ت: جەنۇبىي سۇداندا ئىسىرائىلىيە ۋە خىتاي قوراللىرى ئىشلىتىلم

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) جەنۇبىي سۇداندىكى ئىچكى ئۇرۇشلاردا، ئىسىرائىلىيە ۋە خىتايدا ياسالغان قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

370295
ب د ت: جەنۇبىي سۇداندا ئىسىرائىلىيە ۋە خىتاي قوراللىرى ئىشلىتىلم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى جەنۇبىي سۇداندىكى ئىچكى ئۇرۇشلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان قوراللار توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، جەنۇبىي سۇداندا ئىشلىتىىۋاتقان قوراللارنىڭ ئىسىرائىلىيە قورال زاۋۇتى (IWI) تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك فوتوگرافلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.
دوكلاتتا يەنە، ئىسىرائىلىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان قوراللارنى، يەرلىك ساقچىلار، مىللىي خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە ئوفىسېرلارنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئىشلىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
دوكلاتتا، ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان قوراللارنىڭمۇ بارلىقىغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.
جەنۇبىي سۇداندا 20 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا ئونمىڭلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلدى. ئافرىقا ئىتتىپاقى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارا تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا 17 – ئاۋغۇست ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان تىنچلىق سۆھبىتىدە تۈزۈلگەن كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا ئۆكتىچىلەرلا ئىمزالىغان بولۇپ، جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى بولسا، 15 كۈنلۈك مۆھلەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
جەنۇبىي سۇدان پىرېزىدېنتى سالۋا كىئىرنىڭ كېلىشىمگە ئىمزا قويغانلىقى توغرىسىدا بەزى قاراشلارمۇ بار.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر