لىۋاندا خىيانەت ۋە ئەخلەت كىرزىسى سەۋەبىدىن توقۇنۇش كېلىپ چىقتى

لىۋاندا مىڭلارچە كىشى خىيانەت ۋە ئەخلەت كىرزىسى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

339833
لىۋاندا خىيانەت ۋە ئەخلەت كىرزىسى سەۋەبىدىن توقۇنۇش كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاننىڭ پايتەختى بەيرۇتتا ئەخلەتلەرنىڭ يىغىلماسلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن مىڭلارچە ئادەم ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى.
ۋەقەلەردە ساقچىلار نامايىشچىلارغا بېسىملىق سۇ ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن زەربە بەردى. نامايىشچىلارمۇ ساقچىلارغا تاش ۋە بوتۇلكىلار بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. توقۇنۇشلاردا 30ساقچى بولۇپ جەمئىي 70 ئادەم يارىلاندى. ۋەقەلەرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قارىتا لىۋان ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي ماشىنىلار نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بەيرۇتتا يىغىلغان نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتتى. باش مىنىستىر تامممام سەلام نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
نامايىشلاردا مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتكەن ساقچىلارنىڭ چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان سەلام، كىرزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەپتە ئىچىدە مىنىستىرلار كېڭىشىنى يىغىنغا چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. سەلام زۆرۈر تېپىلسا ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق باش مىنىستىر ئىستىپا بەرگەن تەقدىردە، لىۋاندا بىر يىلدىن كۆپرەك پىرىزېدېنت سايلىنالمىغانلىقتىن يەنە سىياسىي كىررزىس چىقىدۇ.
بەيرۇتتا ئەخلەت تۆكۈش مەيدانى بۇلتۇر توشۇپ كەتكەنلىكتىن، شەھەردە ئەخلەت يىغىلماي نۇرغۇن سەھىيە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر