ئىسىرائىلىيە سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلدى

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى گولان ئېگىزلىكىدە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

336526
ئىسىرائىلىيە سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىدىكى قىسمى سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ نۇقتىلىرىنى توپ – زەمبىرەك ۋە تىك ئۇچارلار بىلەن بومباردىمان قىلدى. ئىسىرائىلىيەنىڭ بىر تىك ئۇچارى كۇنەيترا ۋىلايتىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قاتناش ئىدارىسى ۋە ۋالىي مەھكىمىسىنى بومباردىمان قىلدى. بومباردىماندا بىنالار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.
ئىسىرائىلىيە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي رايونلاردىكى تۆت قېتىملىق راكېتامىيوت ھۇجۇمىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىسىرائىلىيە 1967 – يىلدىكى ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇشتا، گولان ئېگىزلىكىنى ئىشغال قىلىۋالغان ئىدى. خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر ئىسىرائىلىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىدىكى زېمىن دەۋاسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر