باڭكوكتا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكتىكى بىر ئىبادەتخانىغا يېقىن يەردە بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ كۆپ ساندا ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى.

331362
باڭكوكتا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكتا مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 12 ئادەم ئۆلدى.

ئېراۋان ئىبادەتخانىسىغا يېقىن يەردە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا يەنە ئونلارچە ئادەم يارىلاندى.

ساقچى باشلىقى چاكتىپ چىجىندا، «دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ پارتلاشنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىكى بىر بومبىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقى» نى ئېيتتى.

پارتلاش يۈز بەرگەن جاي سودا مەركىزى بولغانلىقى ئۈچۈن، نەق مەيداندا نۇرغۇن ئادەم بار ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر