ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم تەكشۈرۈلمەكتە

جون كىرباي ھۇجۇم ھەققىدىكى بايانىتىدا، «تۈركىيە دائىرىلىرى ۋەقەنى تەكشۈرمەكتە بىزمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلىمەكتىمىز» دېدى.

322266
ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم تەكشۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا ئوق ئاچقان تېررورچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ غۇلغۇلىسى داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي ھۇجۇم ھەققىدىكى بايانىتىدا، «تۈركىيە دائىرىلىرى ۋەقەنى تەكشۈرمەكتە بىزمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلىمەكتىمىز» دېدى.
جون كىرباي ۋەقە ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى ئېيتتى.
جون كىرباي يارىدار ھالدا قولغا ئېلىنغان كىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى «DHKP-C» ئەزاسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئەسكەرتىش ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ باسقۇچتا سوئاللارغا جاۋاپ بېرىدىغان تەرەپنىڭ تۈركىيە مەسئۇللىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيبىلىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر