سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەنگە قورال ۋە ئەسكەر ئەۋەتتى

سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەن پىرېزىدېنتى مەنسۇر ھادى تەرەپدارلىرىنى ھەربىي تەلىم - تەربىيە ۋە قورال بىلەن قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

317905
سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەنگە قورال ۋە ئەسكەر ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەربىيەلەنگەن يۈزلەرچە يەمەن ئەسكىرى ئونلارچە تانكا ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار بىلەن يەمەنگە كىرگەن. ھەربىي قىسىملار مەغرىپ ۋە شابيا ۋىلايەتلىرىگە تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ ۋىلايەتلەردە ھازىرمۇ ھۇسىيلار بىلەن ھادى تەرەپدارلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.
مۇتەخەسسىسلەر ئۇرۇش تەڭپۇڭلۇقىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئەۋەتىلگەن زامانىۋى قورال ۋە ئەسكەرلەر بىلەن ئۆزگەرگەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. ھۇسىيلارنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئەدەن شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆپىنچىسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلكىدىن كەلگەن بىرلەشمە قىسىم ئەسكەرلىرى ساقلىماقتا.
جىبۇتىغا قېچىپ كەتكەن 150 يەمەنلىك ھاۋا يولى ئارقىلىق شەھەرگە قايتتى. يەمەندىكى قالايمىقانچىلىقلاردىن پايدىلانغان ئەل قائىدەنىڭ قوراللىق ئەزالىرى ئەدەن ئەتراپىدىكى ئۈچ بازارنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرىنى ھەربىي مەركەزگە ئايلاندۇرۇۋالدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن يەمەن پىرېزىدېنتى مەنسۇر ھادى تەرەپدارلىرى بىلەن ھۇسىيلار خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى. ھادى تەرەپدارلىرى يەتتە ھۇسىينى ئايروپىلان بىلەن سەنئاغا ئەۋەتتى، ھۇسىيلارمۇ 20 ھادى تەرەپدارىنى قويۇپ بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر