ئامېرىكا تۇنجى قېتىم سۈرىيەنىڭ شىمالىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىن قوزغىلىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىغا قارىتا تۇنجى قېتىملىق ھاۋا ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

317081
ئامېرىكا تۇنجى قېتىم سۈرىيەنىڭ شىمالىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون باياناتچىسى لورا سېئىل، «تۈركىيەدىن قوزغالغان ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى تۇنجى قېتىم دائېشنى بومباردىمان قىلدى» دېدى.

سېئىل، بۇ ھەرىكەتنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ تۈركىيەنىڭ رۇخسىتىگە ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى – AFP بولسا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى رەققا شەھىرىگە يېقىن يەردىكى دائېش مەركەزلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە ئۆتكەن ئاي دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قارارگاھلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى ئۈچۈن، بازىلىرىنى ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ئېچىشنى قارار قىلغانىدى.

تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايانات بېرىپ، «تەربىيەلە – قوراللاندۇر» پىلانى دائىرىسىدە تەربىيەلەنگەن ئۆكتىچىلەرنى سۈرىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئالاقىدار خادىملار، ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ دائېشقا تەۋە جايلارنى بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن، تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

نۆۋەتتە يەنە 30 ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ رايونغا يېتىپ كېلىپ، ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ياردەمچى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بولسا، دائېشنىڭ رەققا شەھىرىدىكى مەركەزلىرىگە 20 قېتىمدىن ئارتۇق ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر