نۇسرا جەبھىسى سۈرىيەدە 30 - رايونغا ھۇجۇم قىلدى

توقۇنۇشتا ئەل نۇسرا جەبھىسىنىڭ 18 مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى ۋە رايوندىكى پىدائىيلاردىنمۇ 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

310518
نۇسرا جەبھىسى سۈرىيەدە 30 - رايونغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكلاتى ئەلقائىدەنىڭ سۈرىيە شۆبىسى ھېسابلىنىدىغان نۇسرا جەبھىسى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە تەربىيەلەپ قوراللاندۇرۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتقان 30 - رايونغا ھۇجۇم قىلدى.
توقۇنۇشتا ئەل نۇسرا جەبھىسىنىڭ 18 مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى ۋە رايوندىكى پىدائىيلاردىنمۇ 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
30 – رايون ھەلەپنىڭ شىمالىدىكى ئەزەزگە جايلاشقان بولۇپ، توقۇنۇش جەريانىدا ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەل نۇسرا مىلىتانلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.
ئەل نۇسرا جەبھىسى ئىككى كۈن ئىلگىرى 30 – رايوننىڭ رەھبىرى نەدىم ھەسەن بىلەن بىرلىكتە 7 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.
ئەل نۇسرا جەبھىسى ئامېرىكا تەرىپىدىن تەربىيلەنگەن گۇرۇپپىلارنى خائىنلىق بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە. شۇڭا ئالدىنقى يىلىمۇ ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەزم ھەرىكىتى ۋە سۈرىيە ئىنقىلابچىلار جەبھىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا تەربىيلەپ قوراللاندۇرۇش پىروگراممىسى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان 6 مىڭغا يېقىن سۈرىيەلىكتىن 500 كىشىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ھازىرغا قەدەر ئاران 60 كىشى تەلىم - تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن سۈرىيەگە ئەۋەتىلگەن ئىدى.
30 – رايوننىڭ مەزكۇر 60 كىشى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەنلىكى ئىلگرى سۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر