خىتايدا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

خىتايدا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچى بىلەن خىتاي يولۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

261328
خىتايدا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇا بېي شەھىرىدە كىچىك تىپلىق بىر ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئايروپىلاندىكى ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كۆككە كۆتۈرۈلۈپ قىسقا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندىكى ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچى ۋە خىتاي يولۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خەۋەردە، ئايروپىلاننىڭ خېنەندىكى ئامېرىكىنىڭ جورج ئايروپىلان ياساش شىركىتىگە ئائىت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى، ئەمما ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر