لىۋىيە مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلىنىدۇ

لىۋىيەدە توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر دۆلەتتىكى كىرىزىسكە خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا بۈگۈن باشلىنىدۇ.

197115
 لىۋىيە مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇزاكىرىلەردە دۆلەتنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە رايونلۇق كېڭەش ۋەكىللىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى مەسىلىلىرى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەگە ياردەم بېرىش پىلان لايىھەسىنىڭ كېيىنچە لىۋىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ھەربىي گۇرۇپپىلارنىڭمۇ يىغىنلارغا ئىشتىراك قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
لىۋىيە مۇزاكىرىلىرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى 14 – 15 – يانۋار كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.
لىۋىيەدە 2011 – يىلى 17 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن مۇقىملىق ئىشقا ئاشۇرۇلالمىغان، 2014 – يىلى مايدا پېنسىيونېر گېنېرال ھافتېرنىڭ زىنتان مەركەزلىك گۇرۇپپىلار بىلەن قوزغىغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى ترابلۇس ۋە مىسراتەدىكى ئىنقىلابچى گۇرۇپپىلار بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلغان ترابلۇستىكى مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئالدى ئېلىنغانىدى.
ۋەقەلەردىن كېيىن بىرى توبرۇكتا (ئاۋام پالاتاسى) يەنە بىرى ترابلۇستا (مىللىي ئومۇمىي قۇرۇلتاي) بولۇپ ئىككى مەجلىس پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتتە، پايتەختتىكى مىللىي ئومۇمىي كېڭەش قوللاۋاتقان لىۋىيە شەپىقى بىرلەشمىسى بىلەن توبرۇك ئاۋام پالاتاسى قوللاۋاتقان ھافتېرگە قاراشلىق «شەرەپ ھەرىكىتى» بىرلەشمىسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر