ئىككى كورېيە ئۆزئارا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا

جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.

182646
ئىككى كورېيە ئۆزئارا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.
جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى پارك گېئون خاي، شىمالىي كورېيە دۆلەت رەئىسى كى جوڭ ئۇن بىلەن «شەرتسىز» مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
پارك بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «بىرلىشىش يولىدا پىيوڭياڭ بىلەن مۇزكىرە ئۆتكۈزۈشنى خالايمىز» دېدى. شىمالىي كورېيە دۆلەت رەئىسى كىم جوڭ ئۇن يېڭى يىل نۇتقىدا جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى پارك گېئون خاي بىلەن بىر يەرگە كېلىش سىگنالىنى بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ھازىرقى شارائىتلارغا ئاساسەن پىرېزىدېنت پارك گېئون خاي بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشىمىزگە توسالغۇ يوق.»
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2007-يىلدىن بۇيان دۆلەت رەئىسى سەۋىيەسىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىدى. شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيە دۆلەت رەئىسلىرىنىڭ ماي ئېيىدا رۇسىيەگە تەكلىپ قىلىنىشى كىم جوڭ ئۇن بىلەن پارك گېئون خاينىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈش ئېھتىمالىنى كۈچەيتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر