خوڭكوڭدا دائىرىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت باشلىدى

خوڭكوڭدا دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى نامايىش قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت بىلەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت باشلىدى.

165529
خوڭكوڭدا دائىرىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدا ھەممىنىڭ دىققىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن دائىرىلەرنىڭ كۆرۈشۈشىدىن قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقىغا مەركەزلەشتى. ئەمما، تەرەپلەر بىرىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشتىن ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەس. خوڭكوڭدا ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان كوچىلاردىن چىقمىغان نامايىشچىلار، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۈستەلگە كەلدى. نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن بەش كىشى دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشتى. خوڭكوڭ ۋالىيسى لىياڭ جېنيىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلەن قۇلاق سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشتە مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەمما دىيالوگ ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. نامايىشچىلار بولسا، تۇنجى سۆبەتتىن ئۈمىدۋار بولمىسىمۇ، ئۆزلىرىگە سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلگەنلىكىدىن خۇشال.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خوڭكوڭدا 2017 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋالىي سايلىمىدا نامزاتلارنىڭ خەلق تەرىپىدىن بەلگىلىنىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەن بولۇپ، بۇ نارازىلىقلارنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار، 28 – سېنتەبىردىن تارتىپ بۈگۈنگىچە نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى. نامايىشچىلار بۇ جەرياندا، خوڭكوڭ ۋالىيسىنى ئىستېپاغا چاقىردى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن خەلقنىڭ ئۆز رەھبىرىنى سايلىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر