ئاۋمىندىن جۇخەيگە كرىىشكە ئورۇنغان بىر قانۇنسىز كېمە چۆكۈپ كەتتى

جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق خىتايغا كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر كېمىنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

120172
ئاۋمىندىن جۇخەيگە كرىىشكە ئورۇنغان بىر قانۇنسىز كېمە چۆكۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق خىتايغا كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان 10 ئادەم ئولتۇرغان بىر كېمىنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ جۇخەي دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاينىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە مەيدانغا كەلگەن قازادا 9 ئادەمنىڭ ئىزدېرىكىنىڭ قىلىنالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خوڭكوڭغا تەۋە مەزكۇر كېمىنىڭ ئاۋمىندىن جۇخەيگە كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھايات قالغان بىر كىشىنىڭ دېڭىزدا 4 سائەت بويىچە بىر بوش نېفىت قۇتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن بىر بېلىقچى كېمىسى تەرىپىدىن بايقىلىپ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چۆكۈپ كەتكەن كېمىنىڭ دېڭىز ساھىلىغا تارتىپ چىقىرىلغانلىقى، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە دېڭىز مۇداپىئە كېمىلىرىنىڭ ئىزدەش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر