قاھىرەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھدىتى مۇزاكىرە قىلىندى

قاھىردە ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى توغرۇلۇق يىغىن چاقىردى.

117702
قاھىرەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھدىتى مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 142-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى نەبىل ئەل ئەرەبى يىغىننىڭ تۇنجى باسقۇچىدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراقتىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ يالغۇز دۆلەت ھاكىمىيىتىگىلا ئەمەس ئىراق دۆلىتى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغىمۇ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەل ئەرەبى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر بولۇپ ھەر قايسى جەھەتلەردىن قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ تەشكىلاتقا قارشى ئېلىپ بېرىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق مۇداپىئە سىستېمىسى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يىغىندىن كېيىن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى مىنىستىرلىرى ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىپ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن تىگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش ۋە خەلقئارالىق، رايونلۇق ۋە دۆلەت سەۋىيەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشتى. مەزكۇر خىتابنامە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن ئاي ئەزا دۆلەتلەرنى «چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ رايونغا كىرىشىگە، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئاشقۇن گۇرۇپپىلارنى ئىقتىسادى ۋە باشقا جەھەتلەردىن قوللاشقا توسالغۇ بولۇش» قا چاقىرغان قارارىغا مەزمۇن جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشايدۇ.
يىغىندا سۆز قىلغان سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى باشلىقى ھادى ئەل باھرا، سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى نۆۋەتچى رەئىسى مورىتانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ۋەلەد تەگۇدى، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ ھاماسقا قارىتىلغان سۆزلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، يىغىننى مەتبۇئاتقا يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزدى. ئابباس يىغىندىن ئىلگىرى مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى بىلەن كۆرۈشتى.
تەخمىنەن 90 مىنۇت داۋاملاشقان كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت، غەززەدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىلىك مۇزاكىرىلەرنى بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا قايتىدىن باشلاش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر