سۈرىيە ئارمىيەسى ۋاكۇم بومبىسى ئىشلەتتى

سۈرىيە ئارمىيەسى ۋاكۇم بومبىسى ئىشلىتىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

79077
 سۈرىيە ئارمىيەسى ۋاكۇم بومبىسى ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پايتەخت دەمەشىققە «ۋاكۇم بومبىسى» بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا.
ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى كافر باتانا ۋە دۇما رايونلىرىدىكى بازارلارغا «ۋاكۇم بومبىلىرى» تاشلىدى. ھۇجۇمدا كۆپىنچىسى ئايال ۋە بالىلار بولۇپ 44 ئادەم ئۆلدى. ھۇجۇملاردا يارىلانغانلار دوختۇرخانىلارغا ياتقۇزۇلدى.
ئالاقىدار مەسئۇللار يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، سەھرا دوختۇرخانىسىدا يېتەرلىك مېدىتسىنا بۇيۇملىرىنىڭ يوقلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر