نىگېرىيەدە مۇسۇلمان ئالىم گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

نېگىرىيە نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر مۇسۇلمان ئالىم ئابدۇلگانى جۈمە بىلەن ئايالىنى تۇتۇپ كەتتى.

120697
نىگېرىيەدە مۇسۇلمان ئالىم گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەدە ئىسلامىيەت ۋە ئەرەبچە دەرس بېرىدىغان ئابدۇلگانى جۈمە بىلەن ئايالىنىڭ قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
نىگېرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئوگۇن ئىشتاتىدىكى ئۆيىدىن 5 – ئىيۇل تۇتۇپ كېتىلگەن ئابدۇلگانى جۈمە بىلەن ئايالى شاكىراھتاندىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلىنالمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
نىگېرىيە مۇسۇلمانلار ھەق – ھوقۇقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى پىروفېسسور ئىسھاق ئاكىنتولا، دۆلەتنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي جەنۇبىدا ئىسلامىيەتكە قارشى جىمجىت ئۇرۇش ئېچىلىپ، مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ نىشانغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نىگېرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئۈچ يىل بۇرۇنمۇ مۇسۇلمان دىن ئالىمى رازاق گاۋات يوقاپ كەتكەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر