ئامېرىكا تايلاندقا بېرىۋاتقان ياردەمنى توختاتتى

تايلاندتىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ۋاشىنگىتون ھەرىكەتكە ئۆتتى

72338
ئامېرىكا تايلاندقا بېرىۋاتقان ياردەمنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تايلاندقا بېرىۋاتقان ياردەمنى توختاتتى.
تايلاندتىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ۋاشىنگىتون ھەرىكەتكە ئۆتتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، تايلاندقا بېرىلىۋاتقان ياردەملەرنىڭ 3 يېرىم مىليون دوللارلىق قىسمىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
كۈندىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مەرى ھارف، قارارنىڭ ئاسىيا دۆلىتى تايلاندنى جازالاندۇرۇش نىشان قىلىنغان تۇنجى قەدەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ھارف، تايلاندقا بېرىلىۋاتقان 3 يېرىم مىليون دوللارلىق ياردەمنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، قالغان 7 مىليون دوللارلىق قىسمىنىڭ بولسا كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
توڭلىتىپ قويۇلغان قىسمىنىڭ تايلاندنىڭ قورال - ياراغ سېتىۋېلىش پىروگراممىلىرى ۋە ھەربىي خادىملارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياردەملەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تايلاندتا 2006 - يىلقى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىمۇ ئامېرىكا 29 مىليون دوللارلىق ياردەمنى بىر يېرىم يىل توڭلىتىپ قويغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر