ھىندىستاندا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ھاۋادا بىر توپ تۇرنا قۇشىغا سوقۇلۇپ كەتتى
ھىندىستاندا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇرنا توپىغا سوقۇلۇپ 36 تۇرنانىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
2143282
![ھىندىستاندا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ھاۋادا بىر توپ تۇرنا قۇشىغا سوقۇلۇپ كەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/afdd/86ee/986d/5971e8dbd285c.jpg?time=1718632785)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يولۇچىلارئايروپىلانى بومباي شەھىرىدە ھاۋادا بىر توپ تۇرنا قۇشىغا سوقۇلۇپ 36 تۇرنانىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
ئايروپىلان يىنىك زىيانغا ئۇچرىدى، ئەمما 310 يولۇچى بىلەن بىخەتەر ھالدا ئايرودۇرۇمغا قوندى.
ۋەقە ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھىندىستان مۇھىت ئاسراش مۇتەخەسسىسلىرى رايونداىكى ئېلېكتىر لىنىيەلىرىنىڭ قۇشلارنىڭ يولىدىن ۋە يۆلىنىشلىرىدىن ئىزىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![پۇتىن شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/4e50/93ba/5e27/667030dc08f39.jpg?time=1718632786)
پۇتىن شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 6-ئاينىڭ 18 - ۋە 19 – كۈنلىرى شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.