«‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» ئېممىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى — TRT تېلېۋىزىيەچىلىك ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق ئېممىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2043535
«‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» ئېممىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» تەرىپىدىن ئىشلەنگەن زەنجىرسىمان مۇكاپاتلىق ھۆججەتلىك فىلىم «Off the Grid» نىڭ ئۇكرائىنادا سۈرەتكە ئېلىنغان «ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» قىسمى، خەلقئارا تېلېۋىزىيە سەنئەتلىرى ۋە پەنلىرى ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان  خەلقئارا ئېممىي مۇكاپاتىنىڭ «خەۋەرلەر ۋە كۈندىلىك ۋەقەلەر» كاتېگورىيەسىدە مىڭلىغان ھۆججەتلىك فىلىملەر ئارىسىدىن تاللىنىپ ئېممىي مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، مۇكاپاتنى ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگۈچىلەر موھسىنې ئەننائىمى ۋە ئالېكساندىرې پاۋلىئات تاپشۇرۇۋالدى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان  تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى ئۆمەر فارۇق تانرىۋەردى مۇنداق دېدى: ««ئەلۋەتتە، (بۇ  مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىمىز ئۈچۈن) ئۆزىمىزنى ئىنتايىن پەخىرلىك ھېس قىلىمىز ھەم بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمىز. بىز ئېرىشكەن بۇ مۇكاپات ‹TRT World› قانىلىنىڭ خەلقئارا خەۋەرچىلىك ۋە تارقىتىش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئىسپاتىدۇر. < Off The Grid> ئەترىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مېھنەتكەش دوستلىرىمىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»

«‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ دىرېكتورى بورا بايراقتار مۇنداق دېدى:

«بۇ مۇكاپات ئالدى بىلەن ‹TRT World› قانىلىنىڭ، جۈملىدىن تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا ئۆلچەمدە تارقىتىش بېرىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا ئۆلچەمدە خەۋەرچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى تېلېۋىزىيەچىلىك ساھەسىسىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپات ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدە ئىشلەنگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىم تۇنجى قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شۇڭا بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز.»

موھسىنې ئەننائىمى بىلەن  ئالېكساندىرې پاۋلىئات ئىشلىگەن ۋە ھاقان خوجائوغلۇ سۈرەتكە ئالغان ھۆججەتلىك فىلىمدە، ئۇكرائىنادا 2022 – يىلى فېۋرال ئېيىدا پارتلىغان ئۇرۇشنىڭ ۋەھشىي يۈزى ھەيران قالارلىق شەكىلدە كۆرگۈچىلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلىدۇ. بۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ ۋە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ  تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر