«‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى ئېممىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۈتكۈل دۇنيادىن مىڭلارچە ھۆججەتلىك فىلىم مۇسابىقىگە قاتناشتى،   تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى — TRT تېلېۋىزىيەچىلىك ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق ئېممىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

(ھۆججەتلىك فىلىمدە) ئۇرۇشنىڭ ۋەھشىي يۈزى ھەيران قالارلىق شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرۈلدى، توقۇنۇشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى ۋەيرانچىلىقلار پۈتكۈل دۇنياغا تونۇشتۇرۇلدى.