ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرىنىڭ قوۋۇرغىلىرى سۇنۇپ، بەدىنى كۆكىرىپ كەتتى

ئىسرائىلىيەدە قىزىل چىراغقا رىئايە قىلماي، قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن-گۋىرنىڭ قوۋۇرغىلىرىنىڭ سۇنغانلىقى ۋە بەدىنىنىڭ ئېغىر جاراھەتلىنىپ، كۆكىرىپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

2133214
ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرىنىڭ قوۋۇرغىلىرى سۇنۇپ، بەدىنى كۆكىرىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ خاداسساھ دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىنغان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى بېن گۋىرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئەمما قوۋۇرغىلىرىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

بېن- گۋىرنىڭ بەدىنىنىڭ ئېغىر جاراھەتلىنىپ كۆكىرىپ كەتكەنلىكى، ئوخشاش ۋەقەدە يارىلانغان بىر قىزنىڭ بولسا، بالنېستتىن چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بېن-گۋىرنى ئېلىپ ماڭغان خىزمەت ئاپتوموبىلى جۈمە كۈنى (26-ئاپرېل) راملە شەھىرىدە قىزىل چىراغقا رىئايە قىلماي، قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئىدى.

«پەلەستىنلىكلەرگە ئۆلۈم» دېگەن تەلىپى بىلەن تونۇلغان مىنىستىر بېن- گۋىر ئۆتكەن يىلىمۇ(2023) ئاپتوموبىلى  قىزىل چىراققا رىئايە قىلماي، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى بېن-گۋىرنىڭ شوپۇرىغا قاتناش قائىدىسىگە بويسۇنماسلىقنى جېكىلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر