غەززەدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە 21 ھەربىي ئاپتوموبىل ھۇجۇم نىشانى قىلىندى

غەززە رايونىدىكى پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە 21 ھەربىي ئاپتوموبىلنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

2139876
غەززەدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە 21 ھەربىي ئاپتوموبىل ھۇجۇم نىشانى قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) نىڭ ھەربىي قانىتى بولغان ئىززەددىن ئەلقەسسام بىرىگادىلىرى بىلەن ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قۇددۇس قىسىملىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى تۈنۈگۈن غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ، شىمالدىكى جىبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ شەرقىي ۋە غەززە شەھىرىنىڭ ئەززەيتۇن مەھەللىسىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن شىددەتلىك توقۇنۇشقان.

توقۇنۇشلار داۋامىدا 14 تانكا، 4 دانە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ۋە 3 خادىم توشۇش ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە 21 ھەربىي ئاپتوموبىل ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى رەفاھ رايونىدا ئىلگىرى تۇزاق قۇرۇپ قويۇلغان بىر تونېلغا كىرمەكچى بولغاندا، تونېلنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان پارتلاتقۇچ پارتلاپ، بەزى ئەسكەرلەر ئۆلگەن، بەزىلىرى يارىلانغان.

رەفاھ رايونىدا پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بىر ئۆينىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئۆيدىكى ئىسرائىلىيە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ بەزىسى ئۆلگەن،  بەزىلىرى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر