مەھمەت شىمشەك سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ باردى
خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ باردى.
2132947
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر شىمشەك ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
يىغىنغا بانكىغا ئەزا 57 دۆلەت مىنىستىرلىرى، مۇدىرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.