ئىسلامىي ھەمكارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۈركىيە 54 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە 4 – نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 54 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

735009
ئىسلامىي ھەمكارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۈركىيە 54 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسابىقە 5 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا تۈركىيە 54 ئالتۇن، 45 كۈمۈش ۋە 38 مىس بولۇپ، جەمئىي 137 مېدال بىلەن ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.

ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە تۈركىيەدىن قالسا ساھىبخان دۆلەت ئەزەربەيجان 50 ئالتۇن، 29 كۈمۈش ۋە 20 مىس بولۇپ، جەمئىي 99 مېدال بىلەن ئىككىنچى رەتكە تىزىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر