ياۋروپا ئۇكرائىناغا 35 مىليارد ياۋرو قەرز بېرىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلىرىنى كاپالەت كۆرسىتىپ، ئۇكرائىناغا 35 مىليارد ياۋرو قەرز بېرىدۇ.
2189717
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋنى زىيارەت قىلغاندا، ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.
ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئۇكرائىنانى G7 ۋەدىسى دائىرىسىدە 35 مىليارد ياۋروغا قەدەر قەرز بىلەن تەمىنلەيدۇ.»
G7 دۆلەت رەھبەرلىرى ئىيۇندا (2024) رۇسىيەنىڭ توڭلىتىلغان مۈلكىدىن ئېرىشكەن پايدىنى كاپالەت كۆرسىتىپ، ئۇكرائىناغا 50 مىليارد دوللار قەرز بېرىشكە قوشۇلغان ئىدى.
غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى (2022) باشلانغاندىن بۇيان رۇسىيەنىڭ 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن مۈلكىنى توڭلاتتى. بۇ پۇلنىڭ تەخمىنەن 200 مىليارد دوللارغىچە بولغان قىسمى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەردە.
توڭلىتىلغان مۈلۈكلەرگە ھەر يىلى بېرىلىدىغان نەچچە مىليارد دوللار ئۆسۈمدىن كىرىم قىلىنىدۇ.
G7 دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا بۇ كىرىمدىن پايدىلىنىپ ئۇكرائىنانى قوللاشنى خالايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 60 قېتىم خىلاپلىق قىلدى
ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن 27 - نويابىردا تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 60 قېتىم خىلاپلىق قىلدى.