مېترو بېكىتىدە بىر بوۋاق دۇنياغا كەلدى
بېلگىيەدە بىر مېترو بېكىتىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاققا، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىدە ئۆمۈر بويى ھەقسىز ئابونتلىق سوۋغا قىلىندى.
2189483
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاممىۋى قاتناش شىركىتى (STIB) 15-سېنتەبىر (2024) بىر ئانىنىڭ پايتەخت بىريۇسسېلنىڭ مولېنبىك رايونىدىكى بىكات مېترو بېكىتىدە بالا تۇغقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۇغۇتنىڭ مېترو سەپىرىدە باشلانغانلىقى، بوۋاقنىڭ شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ياردىمىدە ساغلام تۇغۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شىركەت بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىز مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدىغان مىنۇت. تۇغۇت سوۋغىسى سۈپىتىدە، ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنىڭ يېڭى كىچىك چولپىنى ھەقسىز ۋە ئۆمۈرلۈك ئابونت بولىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدۇ
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز 19-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.