لايىھە دۇنياسى ئىستانبۇلغا كېلىدۇ

خەلقئارا لايىھە دۇياسى 19 – 23 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە لايىھە ھەپتىلىكىدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

592193
لايىھە دۇنياسى ئىستانبۇلغا كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە لايىھە ھەپتىلىكى 19 – ئۆكتەبىر كۈنى لۇتفى قىردار قۇرۇلتاي ۋە كۆرگەزمە زالىدا باشلىنىدۇ. لايىھەنى سانائەت ۋە ئېكسپورت دۇنياسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، پىكىر – تەپەككۇرلۇق ۋە مەدەنىيەتلىك ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى نىشان قىلىدىغان پائالىيەتكە يەرلىك ۋە چەت ئەللىك لايىھە مۇتەخەسسىسلىرى قاتنىشىدۇ.

خەلقئارالىق ۋە مىللىي كۆرگەزمىلەر ئېچىلىدىغان، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتتە لايىھە ئىشخانىلىرى ۋە مەكتەپلىرى، لايىھە ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن مەھسۇلاتلار ۋە لايىھەگە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشتىراكچىلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر