ئامېرىكا: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دائېش قارارىدىن خۇرسەنمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىغا قاتنىشىش قارارىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

427616
ئامېرىكا: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دائېش قارارىدىن خۇرسەنمىز
s.arabistan asker.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى، قوشۇمچە يەمەندە ھۇسىيلارغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن تەشكىل قىلىنغان ئەرەب ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى گېنېرال ئەھمەد ئەسىيرىي «‹ئەلئەرەبىييە› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى ئۈچۈن سۈرىيەگە قوشۇن ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەسىيرىي، «ئىتتىپاقداش كۈچلىرى قوبۇل قىلغان تەقدىردە سەئۇدى ئەرەبىستان سۈرىيەدە دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا تەييار. چۈنكى دائېشقا قارشى پەقەت ھاۋا ئۇرۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، شۇڭا قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەش كارتېر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى خەلقئارالىق ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سېپىدە ئۇرۇش قىلىشقا قاتنىشىش پىكرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «كېلەر ھەپتە بىريۇسسېلدا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا 25 دۆلەت بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر