تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىمى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىمى بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %5.4 ئېشىپ، 8 مىليارد 784 مىليون 800 مىڭ دوللارغا يەتتى.

2133892
تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىمى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بۇ يىلنىڭ 1-ئايدىن 3-ئايغىچە بولغان ساياھەت ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىمى بىرىنچى پەسلىدە بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %5.4 ئېشىپ، 8 مىليارد 784 مىليون 800 مىڭ دوللارغا يەتكەن. ساياھەت كىرىمىنىڭ 21 پىرسەنتى دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلغان چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرىدىن كىرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر