تۈركىيەگە سېلىنىۋاتقان چەت ئەل مەبلىغى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە تۈركىيەگە سېلىنغان بىۋاسىتە خەلقئارا مەبلەغ 1 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى.
![تۈركىيەگە سېلىنىۋاتقان چەت ئەل مەبلىغى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/3c7e/10d1/3ab7/5db68fac469a8.jpg?time=1722046460)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار جەمئىيىتى خەلقئارالىق بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 3-ئايدا تۈركىيەگە سېلىنغان بىۋاسىتە خەلقئارا مەبلەغنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 336 مىليون دوللارغا، 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا بولسا 1 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەن.
بۇ مەزگىلدە، پۇل-مۇئامىلە ۋە سۇغۇرتا پائالىيەتلىرى ساھەلىرىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان.
بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى % 58 ئۈلۈش بىلەن تۈركىيەگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان.
بۇ مەزگىلدە، گوللاندىيە % 25 لىك ئۈلۈش بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى % 21 ئۈلۈش بىلەن ئىككىنچى، گېرمانىيە % 12 ئۈلۈش بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/28ca/b4be/f092/66a0ddd1f1b38.jpeg?time=1722046460)
موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ
سەيشەنبە كۈنى (23-ئىيۇل) 6-قېتىملىق رۇسىيە-خىتاي ئېنېرگىيە سودا-سانائەتچىلەر يىغىنى ئېچىلدى.