مىنىستىر شىمشەك قاتار ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك گە قاتنىشىپ، ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.
2139982
![مىنىستىر شىمشەك قاتار ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/edd0/dec4/a49f/65dc5d6b01cac.jpg?time=1722042555)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمشەك تۈنۈگۈن بېلگىيەنىڭ مۇھىم ئاقىللار ئامبىرىنىڭ بىرى بولغان <برۇگېل>دا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە: ياۋروپا ئىقتىساد سىستېمىسىدا ئىلگىرىلەش» ناملىق يىغىندا سۆز قىلغاندىن كېيىن، قاتارغا يېتىپ باردى.
دوھادا داۋاملىشىۋاتقان <قاتار ئىقتىساد مۇنبىرى>نىڭ «رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىقتىساد يارىتىش» تېمىلىق بۆلۈمىدە سۆز قىلىدىغان مىنىستىر شىمشەك، ئارقىدىن مەبلەغ سالغۇچىلار يىغىنىغىمۇ قاتنىشىدۇ ۋە مۇنبەرگە قاتناشقان مىنىستىرلار بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/28ca/b4be/f092/66a0ddd1f1b38.jpeg?time=1722042555)
موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ
سەيشەنبە كۈنى (23-ئىيۇل) 6-قېتىملىق رۇسىيە-خىتاي ئېنېرگىيە سودا-سانائەتچىلەر يىغىنى ئېچىلدى.