تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى «توگگ»نىڭ يېڭى مودېلى سەھنىدە...

تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى تېخنىكا ماركىسى توگگ (TOGG) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لاسۋىگاس شەھىرىدە باشلانغان 2024 - يىللىق دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىستېمالچىلار ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدىكى ئورنىنى ئالدى.

2086764
تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى «توگگ»نىڭ يېڭى مودېلى سەھنىدە...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2019-يىلى دەسلەپكى پىروتوتىپى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلگەن ئىككىنچى ئېلېكتىرونلۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسى T10F دېگەن نامدا سەھنىگە چىقتى.

2022 –يىلىدىكى يەرمەنكىدە يېڭى ئۇقۇم ئەقلىي ئىقتىدار ئۈسكۈنىسىنى دۇنيا ماركىسى سۈپىتىدە سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ غۇلغۇلا قوزغىغان توگگ، 2023-يىلىدىكى يەرمەنكىدە تېخىمۇ ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان Beyond X نى تونۇتقانىدى. بۇ يىلقى يەرمەنكىدە بولسا، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىسى T10Fنى دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى.

توگگ T10F،  T10X غا ئوخشاش ئىستېمالچىلارنى مەركەزگە قويۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇشنى قولايلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۈزلۈكسىز ھالدا يىراقتىن يېڭىلىنىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر