تۈركىيە لىراسى موسكۋا ئاكسىيە بىرژىسىدا راسچوت قىلىنىدۇ

رۇسىيە ئاكسىيە بىرژىسى (MOEX) دا بىرىنچى مارت كۈنى تۈركىيە لىراسى – رۇسىيە رۇبلىسىنى راسچوت قىلىش باشلىنىدۇ.

1952438
تۈركىيە لىراسى موسكۋا ئاكسىيە بىرژىسىدا راسچوت قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئاكسىيە بىرژىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە لىراسى بىلەن خوڭكوڭ دوللىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئاشقانلىقى، شۇ ۋەجىدىن، موسكۋا ئاكسىيە بىرژىسىدا بىرىنچى مارت (2023) تۈركىيە لىراسى – رۇسىيە رۇبلىسى ۋە خوڭكوڭ دوللىرى – رۇسىيە رۇبلىسىنى راسچوت قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا،  ئاكسىيە بىرژىسى ئابونتلىرىنىڭ 2023 – يىلى ئىيۇن، سېنتەبىر ۋە دېكابىر ئايلىرىدىن 2024 – يىلى مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا چەت ئەل پۇللىرىنى راسچوت قىلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، بۇ مۇلازىمەتنىڭ ھەم شىركەتلەرھەمدە شەخسلەرنى تېخىمۇ كۆپ جەلپ قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

رۇسىيە ئاكسىيە بىرژىسى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى يورىي دېنىسوۋ دېكابىردا (2022) ئېلان قىلغان باياناتىدا، موسكۋا ئاكسىيە بىرژىسىدا 2022 – يىلى تۈركىيە لىراسىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %17 ئاشقانلىقىنى بايان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر