ئامېرىكا پەن - تېخنىكا شىركىتى رۇسىيە بازىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا پەن - تېخنىكا شىركىتى — IBM، ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن رۇسىيە بازىرىدىن چېكىنىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1839449
ئامېرىكا پەن - تېخنىكا شىركىتى رۇسىيە بازىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئارۋىند كىرىشنا بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز رۇسىيەدىكى بارلىق تىجارەتنى توختاتتۇق» دېدى.

شىركەتنىڭ رۇسىيەدىكى تور بېتىدە «بۇ مەزمۇن ئەمدى يوق» دېگەن ئۇچۇر ئورۇن ئالدى.

مارتنىڭ بېشىدا، IBM شىركىتى رۇسىيەدىكى سودا پائالىيەتلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، يۇمشاق دېتال سېتىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئەمما، شىركەت ئەڭ ئېغىر شەكىلدە تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر