فىتچ: تۈركىيە يېقىنقى 10 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىقتىسادىي ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن

«تۈركىيە ئىقتىسادى 2021- يىلى يېقىنقى 10 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن».

1707169
فىتچ: تۈركىيە يېقىنقى 10 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىقتىسادىي ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى — Fitch Ratings، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۆلچەرىنى %7.9 تىن %9.2 كە ئۆزگەرتتتى.

فىتچ، يەرشارى ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتىنىڭ 9-ئايلىق سانىنى ئېلان قىلدى؛ دوكلاتتا، تەمىنلەش كەمچىل بولۇشنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنىپ، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرى تۆۋەنلىتىلدى، ياۋرو رايونى، تۈركىيە، پولشا، مېكسىكا، رۇسىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا ئىقتىسادلىرىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىگە يۇقىرى يۆنىلىشلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى ئەسلىگە كېلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، بۇ يىل %9.2 لىك ئېشىش بىلەن يېقىنقى 10 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈش ئېھتىمالى بارلىقى قەيت قىلىندى.

يۇقىرى چاستوتىلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە داۋاملاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دوكلاتتا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2022- يىلى  %3.5 گە چېكىنگەندىن كېيىن، 2023-يىلى %4.5 كە ئۆرلىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر