تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
2137638
![تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/53cb/ecb1/0871/663ca0d9423b1.jpg?time=1722045641)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتى ئاشتى.
مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتى ساھەسى 4-ئايدا 279 مىڭ 88 توننا مەھسۇلاتنى خەلقئارا بازارغا سالدى.
بۇ مەزگىلدە ئەڭ كۆپ پەمىدۇر، قىزىلمۇچ ۋە لىمون ئېكسپورت قىلىندى.
بۇ يىلنىڭ تۆتىنچى ئېيىدا مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئەڭ كۆپ ئېكىسپورت قىلىنغان دۆلەت رۇسىيە بولدى. رۇسىيەگە قىلىنغان مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتىدىن 45 مىليون 64 مىڭ دوللار كىرىم قىلىندى.
رۇسىيەدىن قالسا رۇمىنىيەگە 36 مىليون 524 مىڭ دوللارلىق، ئۇكرائىناغا 24 مىليون 955 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/28ca/b4be/f092/66a0ddd1f1b38.jpeg?time=1722045641)
موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ
سەيشەنبە كۈنى (23-ئىيۇل) 6-قېتىملىق رۇسىيە-خىتاي ئېنېرگىيە سودا-سانائەتچىلەر يىغىنى ئېچىلدى.