تۈركىيەنىڭ ئۆكتەبىردىكى ئالتۇن ئېكسپورتى %160.9 ئاشتى

تۈركىيەنىڭ زىبۇ زىننەت ئېكسپورتى ئۆكتەبىردە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %160.9 ئېشىپ، 693 مىليون دوللارغا يەتتى.

1521589
تۈركىيەنىڭ ئۆكتەبىردىكى ئالتۇن ئېكسپورتى %160.9 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زىبۇ زىننەت ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسى، ئۆكتەبىردىكى زىبۇ زىننەت ئېكسپورتىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۆكتەبىردە زىبۇ زىننەت ئېكىسپورتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %160.9 ئېشىپ، 692 مىليون 775 مىڭ دوللارغا يەتكەن. ئۆكتەبىردە ئېكسپورتىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان ساھە زىبۇ زىننەت بولغان.

ئۆكتەبىردىكى مەھسۇلات تۈرلىرىگە قارالغىنىدا، بازاردا «كۈلچە ئالتۇن» دەپ بىلىنىدىغان «پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن ياكى يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئالتۇن» 426 مىليون 956 مىڭ 469 دوللار بىلەن ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلات تۈرى بولغان.

ئۆكتەبىردە زىبۇ زىننەت ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر ئىچىدە 333 مىليون 400 مىڭ دوللار بىلەن ئەنگلىيە بىرىنچى بولغان.

ئەنگىلىيەنىڭ ئارقىدىن 84 مىليون 100 مىڭ دوللار بىلەن شىۋېيېتسارىيە ئىككىنچى، 56 مىليون 400 مىڭ دوللار بىلەن ئامېرىكا ئۈچىنچى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر