تۈركىيە سودا ھەيئىتى كانادادا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ بىر سودا ھەيئىتى يەرلىك خېرىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە كانادادا زىيارەتتە بولماقتا.

1273964
تۈركىيە سودا ھەيئىتى كانادادا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق سودا ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مەھمەت ئەكىزئوغلۇ يېتەكچىلىكىدىكى تۈركىيە ئېلېكتىر – تېخنولوگىيە ئېكسپورتچىلىرى بىرلىكى سودا ھەيئىتى، ئۆي ئېلېكترون ئەشيالىرى، سىم، توك چىقىرىش ۋە تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى كانادا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تورونتو ۋە مونترېئال شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە مەزكۇر ساھەنىڭ كانادالىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ھەيئەتتىكى ئەمەلدارلار، تۈركىيەدە سۈرئەت بىلەن زورىيىۋاتقان ئېلېكترونلۇق ئەشيالار، ئۆي لازىمەتلىكلىرى ساھەسىنىڭ كانادا بازىرىدىنمۇ ئورۇن ئېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ھەيئەتنى تۈركىيەنىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق باش كونسولى سىنەم مىنگانمۇ يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر