دىمىترىي پېسكوۋ: «<تۈرك ئېقىمى> ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە چوڭ تۆھپە»

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ دىمىترىي پېسكوۋ «Rossiya-1» قانىلىدا، تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى لايىھەسى ھەققىدە بەزى ئېنىقلىمىلاردا بولدى.

1090385
دىمىترىي پېسكوۋ: «<تۈرك ئېقىمى> ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە چوڭ تۆھپە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى كىرېملىننىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي مەنىدىن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئادەتتىكىچە بىر ئىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن دىمىترىي پېسكوۋ: «بۇ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي مەنىدىن بىر تۆھپىدۇر. چۈنكى قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ گاز يالغۇز تۈركىيەگىلا بارمايدۇ. پەقەت تۈركىيە ئىقتىداسىنىڭلا تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشمايدۇ بەلكى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياۋروپالىق ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزىلىدۇ» دېدى.

دىمىترىي پېسكوۋ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسىنىڭ ئۆز دۆلىتىگىمۇ ئۇلىنىشى كېرەكلىكىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتلەردىن بەزىلەرنىڭ كونكېرت شەكىلدە بۇنى سورىغانلىقىنى، يەنى بەزى دۆلەتلەرنىڭ يېپىق ھالدا ئىما قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسىنىڭ دېڭىز قىسمى تاماملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئالاھىدە ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ.

ئېچىلىش مۇراسىمغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قاتنىشىدۇ.

رۇسىيە گازىنى تۈركىيەگە ۋە ئاندىن ياۋروپا يەتكۈزىدىغان تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى لايىھەسى، قارا دېڭىزنىڭ ئاستىدىن ھەر بىرى 15 مىلياد 750 مىليون كۈپ مېتىر توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە 930 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىككى تۇرۇببا لىنىيەسىدىن تەشكىل تاپىدۇ. 

بۇ ئىككى لىنىيەدىن بىرسى تۈركىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزسە، يەنە بىرسىنىڭ ياۋروپاغا يەتكۈزىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر