تۈركىيە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرى ئارىسىدا 4 – ئورۇنغا ئۆتتى

تۈركىيە 2018 – يىلىنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %6.5 لىك قىسمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 4 – چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى.

1032005
تۈركىيە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرى ئارىسىدا 4 – ئورۇنغا ئۆتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئىستاتېسكا كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يانۋار ئېيىدىن ئىيۇل ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %24.1 ئېشىپ، 17 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ مەزگىلدە ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %15.7 ئېشىپ، 7 مىليارد 600 مىليون دوللارغا، ئېمپورت ئومۇمىي سوممىسى %31.4 ئېشىپ، 10 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتتى.

بۇ مەزگىلدە ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى سودىدىكى قىزىل رەقىمى 2 مىليارد 500 مىليون دوللارغا چىقتى.

باياناتتا يەنە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

يانۋار ئېيىدىن ئىيۇل ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرى ئىچىدە 3 مىليارد 335 مىليون 800 مىڭ دوللار تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى (يەنى، %18.8 لىك) نىسبەت بىلەن خىتاي بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆزبېكىستاننىڭ سودا شېرىكلىرى ئارىسىدا داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان رۇسىيە بىرىنچىلىكنى خىتايغا تارتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن، 3 مىليارد 230 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى (يەنى، %18.2 لىك) نىسبەت بىلەن ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

بۇ مەزگىلدە يەنە، ئۆزبېكىساننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرى ئارىسىدا 1 مىليارد 705 مىليون 200 مىڭ دوللارلىق تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى، (يەنى %9.6 لىك) نىسبەت بىلەن قازاقىستان ئۈچىنچى، 1 مىلياردە 161 مىليون 700 مىڭ دوللارلىق تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى (يەنى %6.5 لىك) نىسبەت بىلەن تۈركىيە تۆتىنجى، 906 مىليون 700 مىڭ دوللارلىق تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى (يەنى %5.1 لىك) نىسبەت بىلەن جەنۇبىي كورېيە بەشىنچى بولدى.

تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىسان ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى سودا ئومۇمىي سوممسى يانۋاردىن ئېيىدىن ئېيۇل ئېيىغىچە، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %38.9 ئېشىپ، 1 مىليارد 161 مىليون 700 مىڭ دوللارغا يەتتى. ئۆزبېكىسان بۇ مەزگىلدە تۈركىيە بىلەن 513 مىليون 700 دوللارلىق ئېكىسپورت ۋە 648 مىليون دوللارلىق ئېمپورت سودىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

يىلنىڭ دەسلەپكى ئېيىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئېكسپورت سودىسىدا ئاساسلىق ئورۇندا ئېنېرگىيە ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى، ئاندىن يېمەك ئىچمەك، خىمىيە مەھسۇلاتلىرى شۇنداقلا ھەر خىل مۇلازىمەتلەر ئورۇن ئالدى.

بۇ مەزگىلدە يەنە، ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇمىي ئېكىسپورت سودىسىنىڭ %22.2 لىك قىسمىنى مۇلازىمەت، %19.2 لىك قىسمىنى ئېنېرگىيە ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى، %8.7 لىك قىسمىنى يېمەك ئىچمەك ۋە %6.9 لىك قىسمىنى خىمىيە مەھسۇلاتلىرى ئىگىلىدى.

ئېمپورت سودىسىنىڭ %39.4 لىك قىسمىنى ماشىنىسازلىق ۋە ئۈسكىنە، %13.4 لىك قىسمىنى خىمىيە مەھسۇلاتلىرى، %12.4 قىسمىنى مۇلازىمەت ۋە %9.6 لىك قىسمىنى يېمەك ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى ئىگىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر