خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرسى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»، «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى سودا تىجارىتى ئارقىلىق تورمۇزلاپ قالالمايدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى.

1006523
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئەگەر ئامېرىكا ئېمپورت قىلىنغان تېخنىكىلىق مەھسۇتلارغا قويغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى ئىجرا قىلىشنى باشلىغان تەقدىردە، دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك چارىلەرنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گوۋ فىڭ ئەتە ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان 34 مىليارد دوللارلىق خېتايدىن ئېمپورت قىلىنغان تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا قويۇلىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى باشلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىغا دائىر ئەندىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ، «تەھدىت ۋە قورقۇتۇشلارغا بويۇن ئەگمەيمىز. يەر شارى خاراكتېرلىك ئەركىن سودىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش جەھەتتىكى قەتئىي ئىرادىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى. 

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گوۋ فىڭ «خىتاي سودا ئۇرۇشىدا ھەرگىز دەسلەپكى ئوقنى ئاتقان تەرەپ بولمايدۇ. بىراق ئامېرىكا باج تەدبىرىنى يولغا قويغان تەقدىردە، ئۆز دۆلىتىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى كېلىشىم دائىرىسىدە، ئامېرىكىدىن ئېمپورت قىلىنغان تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا قوشۇمچە باج قويۇش قارارىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق يېڭى باج پىلانى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ تاشلايدىغان قەدەملىرىنى كۈتۈپ كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرسى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ باجنى ئۆستۈرۈشىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى سودا تىجارىتى ئارقىلىق تورمۇزلاپ قالالمايدۇ» سەرلەۋھىلىك باش ماقىلىدا، «خىتاي ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشى قىلىشنى خالىمايدۇ. سودا ھەققىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغان مەسىلە. بىراق ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىشىنى توسۇپ قىلىشنى ۋە تېخنىكا ساھەسىدە يېتىم قالدۇرۇشنى خالايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا مەسىلە ئۆزگىرىدۇ. ئامېرىكا خىتاي بىلەن توقۇنۇشنى خالايدىغان بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى. بەلكى ھەقىقي بىر ئۇرۇش - جېدەلدىن كېيىن ئاندىن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقلى جايىغا كېلەر» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى. 

خىتاي دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى سانائەت تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنىڭ چەت ئەل شىكەتلىرىنى خىتايغا تېخنىكا يۆتكەشكە مەجبۇر قىلىش ياكى سانائەت جاسۇسلۇقى قىلىشتەك قىلمىشلىرىغا قارشى ترامپ ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجىنى ئاشۇرۇش قارارىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر