خىتايدىن ئامېرىكىغا سودا ئاگاھلاندۇرۇشى

بېيجىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار دوكلاتىنىڭ نە خىتايغا، نە ئامېرىكىغا، نە دۇنياغا پايدىسى يوقلۇنىنى بىلدۈرۈپ ۋاشىنگتوننى ئاگاھلاندۇردى.

936688
خىتايدىن ئامېرىكىغا سودا ئاگاھلاندۇرۇشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېچېن منۇچىن بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، خىتاي – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇقىم ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1974 – يىلقى سودا قانۇنىنىڭ 301 – نومۇرلۇق ماددىسى دائىرىسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش دوكلاتىنىڭ خەلقئارالىق سودا  بەلگىلىمىلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ليۇ، بۇ دوكلاتنىڭ نە خىتايغا، نە ئامېرىكىغا، نە دۇنياغا پايدىسى يوقلۇنىنى بىلدۈردى ھەمدە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ھەم شۇنداق قىلىشقا تامامەن كۈچى يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىپ ھەرىكەت قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى، ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋەتلەرنى مۇقىم ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېچېن منۇچىنمۇ مەزكۇر دوكلات دائىرىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ليۇغا مەلۇمات بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر