ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى سودا چەكلىمىسى مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن سودا ساھەسىدىكى چەكلىمىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

928280
ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى سودا چەكلىمىسى مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن سودا ساھەسىدىكى چەكلىمىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يېزىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان تاموژنا بېجى ۋە باشقا سودا چەكلىمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا چەكلىمىلىرىنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ: سودا مىنىستىرىمىز ۋىلبۇر روس ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن ئامېرىكىغا قارىتىلغان سودا چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىش مەسىلىسى ئۈسىتىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى دېھقانلىرىمىزغا ۋە كارخانچىلىرىمىزغا ئادىل مۇئامىلە قىلمايدۇ، دېدى.

ترامپ  ئىمپورت قىلىندىغان پولات-تۆمۈر ئاليۇمىنلارغا %25 ۋە %10 ئەتراپىدا تاموژنا بېجى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى قارار قىلىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنلا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات بېرىشى دىققەت تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر