تۈركىيە ساياھەت ساھەسىدە رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى

تۈركىيە ساياھەت ساھەسىدە 2018 – يىلىنى ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن كۈتۈۋالدى.

920937
تۈركىيە ساياھەت ساھەسىدە رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يانۋار ئېيىدا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 1.5 مىليونغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، رېكورت بۇزۇپ تاشلاندى.

گېرمانىيەدىكى ساياھەت شىركىتلىرىنىڭ تۈركىيەگە بېلەت سېتىشى ئىككى ھەسسە، كىرىمى % 10 ئاشتى.

ساياھەتچىلەر بۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەك ساھەسىنى % 15 تەرەققىي قىلدۇردى. 2017 – يلى يانۋاردا تۈركىيەگە 1 مىليون 55 مىڭ 474 ساياھەتچى كەلگەن ئىدى. بۇ يىل يانۋاردا تۈركىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانىدا % 38 لىك ئېشىش كۆرۈلدى.  

ئىستانبۇل 831 مىڭ ساياھەتچى بىلەن تۈركىيە بويىچە ئەڭ كۆپ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان شەھەر ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى % 10، رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى % 70 ئاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر